پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۇنجى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى.

764546
پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۇنجى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشىنىڭ 7 – ئىيۇلدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يۇرىي ئۇشاكوۋ، مۇخبىرلارنىڭ پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ تۇنجى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ مۇئەييەنلەشكەن ياكى مۇئەييەنلەشمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا «مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنىدە كۆرۈشۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىنىڭ ھەر ئىككى رەھبەر 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارىدىغان گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇچرىشىشنىڭ ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەنىدى.

ھامبۇرگدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 7-، 8 – ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھامبۇرگدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر