ترامپ خىتاي ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىنى تىلغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

763396
ترامپ خىتاي ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەنمۇ تېلېفوندا ئايرىم كۆرۈشۈپ، «شىمالىي كورېيە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەر» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «شىمالىي كورېيە پەيدا قىلىۋاتقان يادرو تەدىتلىرى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرى» دىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەندىشەلىرىنى شىغا يەتكۈزگەنلىكى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ بارلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش قەتئىي ئىرادىسى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 يىغىنىدا كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورېيە پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر