قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلغاندا مۇداپىئەلىنىشكە تەييارمىز

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئەلئەتىييە، «دۆلىتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى» نى ئەسكەرتتى.

763191
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلغاندا مۇداپىئەلىنىشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى ئەتىييە، ئەنگلىيەنىڭ سكاي نيۇز قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ھەربىي مۇداخىلە باسقۇچىغا كېلىپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق بىز ھەر دائىم تەييار ھالەتتىمىز. دۆلىتىمىزنى قوغداشقا تەييارمىز» دېدى.

«قاتار تارىختىن بېرى ئاسانلا يۇتۇۋالغىلى بولىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن ئەتىييە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىرنىڭ تەلەپلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ماھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەتىييە، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قاتارنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا، دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «ھازىر بولۇۋاتقىنى دەل بۇ. مەن پەرەزلەرگە ئاساسەن گەپ قىلمايمەن. 1996 – يىلى شىددەتلىك، 2014 – يىلى يۇمشاق شەكىلدە ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلدى. 2017 – يىلىمۇ يۇمشاق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى كۆرۈلدى» دەپ جاۋاب بەردى.

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى ئەتىييە، دۆلىتىنى مۇھاسىرىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ «تېررورلۇقنى قوللاش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىش» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر