تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بالا جاللاتلىرى

جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئەسىرنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكى قاتتىق دىققەت تارتتى.

760703
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بالا جاللاتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇ قېتىم كىچىك بالىلارنى جاللات قىلدى.

دائېش ئافغانىستاندا ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈش جەريانى سىنغا ئېلىنغان بىر ۋىدېئونى تارقاتتى.  بۇ قېتىم دائېشنىڭ تاللىغان جاللاتلىرى نە بەسىتىلىك قامىتى، نە ئەنگلىيە ياكى فىرانسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دائېش تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلۈپ، مېڭىسى يۇيۇلغان ئىككى كىچىك بالىنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ۋە قوللىرى ئارقىسىدىن باغلانغان ئىككى ئەسىرنى بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلىرى ھەممىنى ھاڭ–تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان مەزكۇر ئىككى ئەسىرمۇ كىچىك بالا ئىدى. 

تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان يەنە بىر ۋېدىئودا بولسا، دائېشنىڭ ئاتالمىش بايرىقى لەپىلدەۋاتقان بىر يەردە قوللىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى كۆتۈرۈشۈۋالغان، يۈزلىرى ئوچۇق 4 تېررورچىنىڭ، يەردە يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇلغان 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر