مۇسۇلمان قىز نەبرانىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا سوھۇر ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن مۇسۇلمان قىزنىڭ جەسىتى تېپىلدى؛ ۋەقەگە چېتىشلىق بىر كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

756284
مۇسۇلمان قىز نەبرانىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەبرا ئىسىملىك 17 ياشلىق قىز بىر كۈن ئىلگىرى سوھۇر ۋاقتىدا تۈم دالېس رايونى جامەسىگە كېتىۋاتقان ئەسنادا يولدىن ئاپتوموبىلى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر گۇماندار بىلەن جېدەللىشىپ قالغان.

بۇ ئىشتىن كېيىن بىر دوستىنىڭ نەبرانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ساقچىلار رايوندا كەڭ كۆلەملىك چارلاش ئېلىپ بېرىپ، قىزنىڭ جەسىتىنى رايوندىكى بىر سۇ كۆلچىكىگە يېقىن جايدىن تاپتى ۋە كۆلچەك ئەتراپىدىكى بىر گۇمانلىق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ساقچى تارماقلىرى، ۋەقەنىڭ بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىغا دائىر ھازىرچە بىرەر دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر