رۇسىيە ئامېرىكىنى سۈرىيەدە دەمەشىقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سۈرىيەنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

755522
رۇسىيە ئامېرىكىنى سۈرىيەدە دەمەشىقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ راققەدە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋېتىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا توختىلىدىغان بولساق، سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم. قۇرۇقلۇقتىكى ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئۈچۈن، دەمەشقنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ ئاستانا مۇساپىسىگە ئالاقىدار تەكلىپلەردە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن لاۋروۋ، «پۈتكۈل تەرەپلەر مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. سۈرىيەدىكى بىخەتەر رايونلار، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق تاللاشلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە سۈرىيەدە ئەسكەر ياكى دانىشمەنلىرى بار بارلىق تەرەپلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن قىلغان خىزمەتلىرىمىزگە ماسلىشىشقا چاقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر