ئىران بىلەن خىتاي بەسرە قولتۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنا، ئىران ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بەسرە قولتۇقىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

754948
ئىران بىلەن خىتاي بەسرە قولتۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى بۈگۈن ئەتىگەن باشلىغان.

مانېۋىرغا ئىراننىڭ بەندەر ئابباس پورت شەھىرىگە پەيشەنبە كۈنى يېتىپ كەلگەن خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە زەربىدارلار پاراخوتى، 1 دانە ئۇرۇش پاراخوتى ۋە بىر تىك ئۇچار پاراخوتى بىلەن ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە 700 گە يېقىن ھەربىي خادىمى ئىشتىراك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىردىن كېيىن رايوندىن ئايرىلىپ، ئوماننىڭ پايتەختى مەسقاتقا بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر