دائېشنىڭ ئافغانىستاندىكى رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ خوراسان رايونلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسئۇلى ئۆلتۈرۈلدى.
754614
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېشنىڭ خوراسان رايونلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسئۇلى جاۋاد خان 3 – ئىيۇن كۈنى ئاچىن ناھىيەسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بومباردىماندا پۇقرالار زىيانغا ئۇچرىمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، نانگارھار ۋىلايىتىدە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۇدا 1 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
تەخمىنەن 1 يېرىم ئاي ئىلگىرىمۇ نانگارھار ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا دائېشنىڭ ئافغانىستان رەھبىرى ئابدۇل ھاسىب ئۆلگەنىدى.