بايدىن: ئىسرائىلىيە تەكلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە كېيىنكى قەدەمنى تاشلاشقا تەييارمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە ئاساسەن كېيىنكى قەدەمنى بېسىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2148343
بايدىن: ئىسرائىلىيە تەكلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە كېيىنكى قەدەمنى تاشلاشقا تەييارمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «غەززەدىكى كىرىزىسقا خاتىمە بېرىدىغان بىر يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى» مەسىلىسىدە ھەمپىكىرلىكىنى بىلدۈرگەن ئىككى رەھبەرنىڭ بىرى بولغان بايدىن، ھاماسنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«پىرېزىدېنت ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا سۇنغان كېلىشىمىگە ئاساسەن كېيىنكى قەدەمنى بېسىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بايدىننىڭ قاتاردىن ھاماسنى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە قاتار ئەمىرىنىڭ بۇ جەرياندىكى تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن جۈمە كۈنى (31-ماي) ئىسرائىلىيە تەييارلىغان 3 باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، بايدىن ئېلان قىلغان تەكلىپ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ لايىھەلىرى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى جون كىربى، بايدىن ئېلان قىلغان لايىھەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر