تۈركىيە ئافغانىستاندا بىر جامەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

754170
تۈركىيە ئافغانىستاندا بىر جامەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كابۇلدا بىر جامەگە قىلىنغان ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا بىر ئىبادەتخانىغا قىلىنغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى لەنەتلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يانە مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندا تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش نىشان قىلىنغان بۇنداق ھۇجۇملارغا قارشى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر