چاۋۇشئوغلۇ قاتار كىرىزىسىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنى پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىچىدە بولۇپمۇ مەسىلىگە داخىل بولۇۋاتقان تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

753953
چاۋۇشئوغلۇ قاتار كىرىزىسىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامىد ئەلجىھىناۋى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشتا پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ قېرىنداش ئەللەر ئارا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئوخشاشلا تۇنىسمۇ تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشمۇ دەل مۇشۇ.»

تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ بۇ كىرىزىسنى دەرھال ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، 4 دۆلەتنىڭ رامىزان ئېيىدا قاتارغا قارشى چىقارغان قارارلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتقا تەسىر كۆرسەتكۈدەك قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىزنىڭ ئۈمىدىمىز قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنى پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىچىدە بولۇپمۇ مەسىلىگە داخىل بولۇۋاتقان تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى، مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، چارە تېپىلىشى.»

بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا كىرىزىسنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەستىن، ئەكسىچە مۆتىدىل تەدبىرلەر ئارقىلىق دەرھال ھەل قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

تۇنىس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنىمۇ ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ،  كەسپدىشى بىلەن رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، لىۋىيەدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تۇنىسنىڭ ئويناۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە ھېچ تەرەپ تۇتماستىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ھەممە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامىس ئەلجىھىناۋى قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇنىسمۇ، تۈركىيەمۇ رايوندا قېرىنداشلار ئارا ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئىختىلاپىنى دىيالوگ ئارقىلىق دەرھال ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەلجىھىناۋى، ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا – تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر