ئاۋسترالىيە مۇساپىرلارغا تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلدى

فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە قاراشلىق مانۇس ئارىلىدىكى نازارەت مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 1905 كىشىگە تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

752523
ئاۋسترالىيە مۇساپىرلارغا تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە مۇساپىرلارغا 52 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ؛ ئاۋسترالىيە، 2012 – يىلى بىلەن 2016 – يىللىرى ئارىسىدا مانۇس ئارىلىدىكى نازارەت مەركىزىدە جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان 1905 مۇساپىرغا تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلدى.

مانۇس ئارىلىدىكى نازارەت مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار نامىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان سلېيتېر ۋە گوردون قانۇن شىركىتى ئادۋوكاتلىرىدىن روري ۋالش مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە قاراشلىق مانۇس ئارىلىدىكى نازارەت مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 1905 كىشىگە تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن ئاندرېۋ بېيكېر، تۆلەم پۇلىنىڭ 1905 مۇساپىرغا ئوخشاش مىقداردا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ كېلىشىم، مانۇس ئارىلىدىكى نازارەت مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ قانچىلىك ناچار شارائىتتا ئىكەنلىكىنىڭ بىر ناماياندىسى» دېدى.

سوت مەھكىمىسى ماقۇللىغان تەقدىردە، 20 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يېتىدىغان ئەرز سۇنۇش – سوت چىقىملىرىنىمۇ ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر