بېسىم ۋە ئېمبارگولار شىمالىي كورېيەنى يادورۇلۇق قوراللاردىن ۋاز كەچۈرەلمەيدۇ

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جەي ئىن «بېسىم ۋە ئېمبارگولارنى كۈچەيتكەندە، ئەگەر يادرولۇق قوراللاردىن ۋاز كېچىدىغان بولسا، شىمالىي كەرېيەگە ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلدۈرىشىمىز لازىم» دېدى.

751428
بېسىم ۋە ئېمبارگولار شىمالىي كورېيەنى يادورۇلۇق قوراللاردىن ۋاز كەچۈرەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جەي ئىن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قوراللىرىنى يوقۇتۇشنىڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جەي ئىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى توشىھىرو نىكائى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قوراللىرىنى يوقۇتۇش، ھەم دۇنياغا نىسبەتەن، ھەم شەرقىي شىمالىي ئاسىياغا نىسبەتەن تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جەنۇبىي كورېيە ئۈچۈنمۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە»  دېدى.

مۇن جەي ئىن پەقەتلا بېسىم ۋە ئېمبارگولار ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنى يادورۇلۇق قوراللاردىن ۋاز كەچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جەي ئىن «بېسىم ۋە ئېمبارگولارنى كۈچەيتكەندە، ئەگەر يادرولۇق قوراللاردىن ۋاز كېچىدىغان بولسا، شىمالىي كەرېيەگە ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلدۈرىشىمىز لازىم» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرزېزىدېنتى خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى «FIFA»نىڭ باشلىقى گاننى ئىنفانتىنو بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا بولسا، 2030 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى شىمالىي كورېيە بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.

مۇن جەي ئىن «جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە شەرقىي شىمالدىكى قوشنا دۆلەتلەر 2030 – يىلى دۇنيا لوڭقۇسىغا ساھىبخانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، بۇ ئەھۋال شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» دېدى ۋە گاننى ئىنفانتىنونىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىشىنىڭ تولىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گاننى ئىنفانتىنومۇ جەنۇبىي كورېيە پىرزېزىدېنتى مۇن جەي ئىننىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيە، خىتاي ۋە ياپونىيەنىڭ 2030 – يىللىق دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر