ترامپ شاھزادە ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

748400
ترامپ شاھزادە ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراي، ترامپ – ئەننەھيان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، «ئىككى رەھبەر بىرىنچىسى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى سۈپىتىدە ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قارشى كۈرەش قىلىش بويىچە رىيادتا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. يەنە، پىرېزىدېنت (ترامپ)، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر گەۋدە ھالىتىدىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر