قاتار پاسپورتى بولغانلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىشى مەنئىي قىلىندى

قاتار پاسپورتى بولغانلارنىڭ ۋە قاتاردا تۇرۇشلۇق ئىقامىتى بولغانلارنىڭمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كېرەلمەيدىغانلىقى ياكى توختاپ باشقا دۆلەتكىمۇ ئـۆتەلمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

747898
قاتار پاسپورتى بولغانلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىشى مەنئىي قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىشخانىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق «ئىتىھاد ھاۋا يوللىرى شىركىتى» قولىدا قاتار پاسپورتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«ئىتىھاد ھاۋا يوللىرى شىركىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قولىدا قاتار پاسپورتى بولغانلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرەلمەيدىغانلىقى ياكى توختاپ باشقا دۆلەتكە ئۆتۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قاتاردا كۆچمەن ۋە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە قاتاردا تۇرۇشلۇق ئىقامىتى بولغانلار ئۈچۈنمۇ  بەلگىلىمەنىڭ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى، مىسىر ۋە يەمەن دۈشەنبە كۈنى قاتار بىلەن بولغان بارلىق دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ۋە بەھرەي ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا ساھەسىنى تاقىغان ئىدى.

قاتارغا قارشى يولغا قويۇلغان دېپلوماتىك قورشاۋغا كېيىنچە مالدىۋېيە ۋە ھەتتا خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا ھېچقانداق قانۇنى سالاھىيىتى بولمىغان ھەربىي ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر، ئۇنى قوللاۋاتقان لىۋىيەدىكى توبرۇق ھۆكۈمىتى ۋە ماراكەشمۇ قوشۇلغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر