گېرمانىيە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ

تۈركىيە رۇخسەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، گېرمانىيە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.

746934
گېرمانىيە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېلنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىمۇ ئىنجىرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېل بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گېرمانىيە ھەيئىتىنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھەيئىتى ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا پەقەت كونيادىكى ناتو ھەربىي بازىسىنىلا زىيارەت قىلالىشى مۇمكىن.»

تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن گابرىئېل بولسا، گېرمانىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشتىن باشقا چارىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چېكىنىش بۇ ھەپتە ياكى كېلەر ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر