فىلىپپىندە دائېشچىلار سەۋەبىدىن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

فىلىپپىندىكى يېرىم ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن مىنداناۋ ئۆلكىسىدە دائېشچىلار سەۋەبىدىن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

745861
فىلىپپىندە دائېشچىلار سەۋەبىدىن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان ماۋت تەشكىلاتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى ماراۋى شەھىرىدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىندى.

فىلىپپىن ئارمىيەسى ماۋت تەشكىلاتى بىلەن ئىشغال ئاستىدىكى شەھەردىن يەرلىك ئاھالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆت سائەتلىك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ئەتىگەن سائەت 8دە باشلاپ 12دە ئاخىرلىشاتتى.

نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان ئوق سەۋەبىدىن تەخمىنەن 2000 كىشى شەھەرگە قاپسىلىپ قالدى.

دائېش تېررورچىلىرىنىڭ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىشى سەۋەبىدىن قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئەڭ ئاز 20ى پۇقرا بولۇپ جەمئىي  170دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى.

بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قايتىدىن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دائېشنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋەكىلى ئىنىلون ھاپىلوننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوزغىغان ھەرىبي ھەرىكەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقتىن، ھاپىلسون ۋە تېررورچىلار دوختۇرخانا، مەكتەپ تارتىۋالدى، ھەتتا بىر تۈرمىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئونلارچە مەھبۇسنى قويۇپ بەردى.

بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا پىرېزىدېنت رودرىگو دۇتېرت قوراللىق ئىسيان ئۆتمۈشى بولغان 22 مىليونلۇق نامرات مىنداناۋ ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

فىلىپپىندىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان يېرىم ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن مىنداناۋ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان بولۇپ، ماراۋى رايونى بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر