ترامپنىڭ كۈيئوغۇلىمۇ رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە چېتىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ كۈيئوغۇلى ۋە باش مەسلىھەتچىسى جېرىد كۇشنېرمۇ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ رۇسىيە مەسىلىلىرى دەۋاسىغا بېرىپ تاقالدى.

740062
ترامپنىڭ كۈيئوغۇلىمۇ رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە چېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Washington Post › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇشنېر FBI نىڭ رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشكە بىۋاسىتە داخىل قىلىنماستىن پەقەت رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى سېرگېي كىسلىياك بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، FBI نىڭ تەكشۈرۈشى جەريانىدا، كۇشنېرنىڭ دېكابىر ئېيىدا كىسلياك ۋە بىر رۇس بانكېر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان، شۇنىڭ بىلەن، FBI بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ رۇسىيە مەسىلىلىرى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

FBI نىڭ سابىق خوجايىنى جەيمس كومېينى 10 – ماي كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ترامپ، رۇسىيە تەكشۈرۈشلىرى سەۋەبىدىن قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر