ئەنگلىيە تېررورلۇق تەھدىتىنى «پەۋقۇلئاددە خەۋپ» سەۋىيەسىگە چىقاردى

ئەنگلىيە مانچېستېر شەھىرىدە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاشتىن كېيىن تېررورلۇق تەھدىتىنى «پەۋقۇلئاددە خەۋپ» سەۋىيەسىگە چىقاردى.

738046
ئەنگلىيە تېررورلۇق تەھدىتىنى «پەۋقۇلئاددە خەۋپ» سەۋىيەسىگە چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانچېستېر شەھىرىدىكى تەنتەربىيە سارىيىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بىخەتەرلىك بىيۇروكراتىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي، يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ «پەۋقۇلئاددە خەۋپ» سەۋىيەسىگە چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە زوراۋاننىڭ يالغۇزمۇ ياكى گۇرۇپپا ھالىتىدە ھەرىكەت قىلغانمۇ؟ بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيمىز.»

دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتى سەۋىيەسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا مەسئۇل مۇستەقىل بىر ئورگان بولغان ئورتاق تېررورلۇق ئانالىزى مەركىزىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاخباراتقا ئاساسەن تەھدىت سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەي، «بۈگۈنكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتى سەۋىيەسىنى <جىددىي خەۋپ> تىن <پەۋقۇلئاددە خەۋپ> كە چىقىرىش قارار قىلىندى. بۇ <ھەرقانداق بىر ھۇجۇم يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە  ھەرۋاقىت ھۇجۇم يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار> دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ساقچىلارنىڭ يېڭى ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئېرىشىشى ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان مەي، ساقچىلارنىڭ بۇ دائىرىدە دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتىدىن قوراللىق ھەربىي خادىملارنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ۋىزارەتنىڭمۇ بۇ تەلەپنى ماقۇللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، خەلقنى قوغدىشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلىشى جەريانىدا ساقچىلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەر ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «پەۋقۇلئاددە خەۋپ» سەۋىيەسى ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق تەھدىتى سەۋىيەلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن.

دۈشەنبە كېچىسى مانچېستېر تەنتەربىيە سارىيىنىڭ كونسېرت زالىدا ئامېرىكىلىق ناخشىچى Ariana Grande نىڭ كونسېرتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا، كۆپىنچىسى بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 22 كىشى قازا قىلغان، 59 كىشى يارىلانغانىدى.

ساقچى تەرەپ سەلمان ئەبىدى ئىسىملىك 22 ياشلىق زوراۋاننىڭمۇ پارتلاش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

دائېشنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانچېستېر تەنتەربىيە سارىيىدىكى ھۇجۇمنىڭ پارتلاتقۇچ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئاخبارات مەنبەلىرى بولسا دائېش بىلەن مانچېستېر ھۇجۇمىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر