باش مىنىستىر يىلدىرىم گىرۇزىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – گىرۇزىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن گىرۇزىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

736479
باش مىنىستىر يىلدىرىم گىرۇزىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، 2016 – يىلى 19 – ئىيۇل كۈنى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، يېڭى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

يىغىن دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان تۈرلۈك ھۆججەتلەرمۇ ئىمزالىنىدۇ.

يىلدىرىم ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتىدە، گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى گىئورگى مارگۋېلاسۋىلى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە تۈرك كارخانىچىلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر