شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىش شەرتىنى ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم ئىن رىيوڭ ھەم ئامېرىكىنى، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى.

735779
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىش شەرتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم ئىن رىيوڭ: «يادرو مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قاراتقان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشى لازىم» دېدى.

كىم ئىن رىيوڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركىزىدە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولارنى كۈچەيتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

كىم ئىن رىيوڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ پەقەتلا مۇداپىئەنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئامېرىكا بولسا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قورقۇتماقتا» دېدى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان دۈشمەنلەرچە سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

كىم ئىن رىيوڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇتەخەسسىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر خەلقئارالىق مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە: «تەخمىنەن 150 دۆلەتتە يۈز مىڭلىغان كومپيۇتېرغا زىيان يەتكۈزگەن <WannaCry> ناملىق ۋىرۇس ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا شىمالىي كورېيە بار» دېگەن قاراشلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىم ئىن رىيوڭ «تور ھۇجۇمىنى شىمالىي كورېيەگە چېتىشلىق قىلىپ كۆرەسىتىش ئەخمىقانە بىر ئىشتۇر. قانداقلا چاغدا غەلىتىرەك بىرەر ئىش بولسا، ئامېرىكا ۋە دۈشمەن كۈچلەر قەستەنلىك بىلەن شىمالىي كورېيەگە قارشى سەپەرەۋەرلىك باشلاپ كەلمەكتە» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر