دۇنيادا ھەر تۆت ئىشچى - خىزمەتچىدىن بىرسى ئافرىقىلىق بولىدۇ

ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە 110 مىليون كىشىلىك خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتالىشى كېرەكلىكى، ئالدىنقى 10 يىلدا ئاران 37 مىليون كىشىنىڭ خىزمەت تاپالىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

735150
دۇنيادا ھەر تۆت ئىشچى - خىزمەتچىدىن بىرسى ئافرىقىلىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى نۇپۇسنىڭ ئېشىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا 2050 - يىلىدا دۇنيا مىقياسىدا ھەر تۆت ئىشچى - خىزمەتچىدىن  بىرسىنىڭ ئافرىقىلىق بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېفوفىيەنىڭ پايتەختى ئاددىس ئابابادا چاقىرىلغان ۋە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان «ئافرىقا رايونلۇق سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرى يىغىنى» نۇرغۇن ساندا ئافرىقا مىنىستىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلاندى.

مۇنبەر يىغىنىدا سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ ئافرىقا فىتئەسىدە يېتىپ كەلگەن نۆۋەتتىكى باسقۇچى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇنازىرە قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي كومىتېتى باش كاتىپى ۋېرا سوڭۋې ئېچىلىش نۇتۇقىدا، ئافرىقا قەتئەسىدە كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان تەڭسىزلىك ۋە ئىشسىزلىقنىڭمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يەنە بىر تەرەپتىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلات تارقىتىپ بېرىلدى.

دوكلاتتا، ئافرىقا قىتئەسى كەلگۈسىدە دۈچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرسىنىڭ ئىشسىزلىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە 110 مىليون كىشىلىك خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتالىشى كېرەكلىكى، ئالدىنقى 10 يىلدا ئاران 37 مىليون كىشىنىڭ خىزمەت تاپالىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر