يەمەندە خولېرا سەۋەبىدىن 209 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى يەمەندە خولېرا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 209 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

734370
يەمەندە خولېرا سەۋەبىدىن 209 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ يەمەندىكى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەمەن مىقياسىدا 17200 كىشىنىڭ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. 

خولېرا ئاپىتىنىڭ ھەممىدىن بەك پايتەخت ساناغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە جەمئىي 14 ۋىلايەتتە بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 186 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

يەمەندە ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 3 مىليون كىشى، پاكىز سۇ تاپالمايۋاتماقتا. ئەخلەتلەرنىڭ يۆتكەلمەسلىكى تۈپەيلىدىنمۇ ھەر كۈنى خولېرا بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر