مىسىر بىلەن رۇسىيە جەنۋە مۇزاكىلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى تېلېفوندا جەنۋە مۇزاكىلىرىنى سۆھبەتلەشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن مىسىر 16 – مايدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جەنۋە مۇزاكىرىلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە جەنۋە مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جەنۋە مۇزاكىلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بۇچا شەھىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى بازارلار قايتىدىن جانلاندى.