ئەردوغان ماكروننى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئېممانۇئېل ماكروننى تەبرىكلىدى.

728241
ئەردوغان ماكروننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ماكرونغا تېلېفون قىلىپ، غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە فىرانسىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكىگە قارىتا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 25 – ماي كۈنى چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىككى رەھبەر، تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر