مىسىر تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە توغرۇلۇق ئاساسسىز خەۋەر تارقالدى

مىسىر تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنى قوللاپ پەلەستىننى «سېتىۋەتكەنلىكى» توغرۇلۇق ئاساسسىز خەۋەر تارقالدى .

726519
مىسىر تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە توغرۇلۇق ئاساسسىز خەۋەر تارقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە توغرۇلۇق ئاساسسىز خەۋەرلەر تارقالدى.

مىسىر تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنى «ئىشغالىيەتچى دۆلەت»دەپ تەرىپلەشكە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى قوللىمىغانلىقى توغرۇلۇق ئاساسسىز خەۋەر ئېلان قىلىندى.

مىسىر تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قوللىماي پەلەستىننى «سېتىۋەتكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.  

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە چىقىدىغان «ئەل يەۋىم ئەل سابى»گېزىتى تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى تەرىپىدىن 2-مايدا ماقۇللانغان ئىسرائىلىيەنى «ئىشغالىيەتچى دۆلەت»دەپ تەرىپلەشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىگە رەت ئاۋازى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، لېكىن تۈركىيەنىڭ 2005-يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشىگە ئەزا ئەمەسلىكى ۋە ھەر قانداق بىر ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشمىغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىدا ئەزا بولغان بارلىق تارماقلاردا پەلەستىننى داۋاملىق قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن دىپلوماتىك ئورۇنلار،  تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش،  مەزكۇر ئورگاننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىدە پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قارار لايىھەلىرىنى داۋاملىق قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشتى.

مەزكۇر قارار لايىھەسىگە بىرازىلىيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىۋېتسىيە بولۇپ 22 دۆلەت ماقۇللۇق ئاۋازى بەرگەن بولسا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ رەت ئاۋازى بەردى، شۇنداقلا فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق 23 دۆلەت بىتەرەپ پوزىتسىيەسى بىلدۈردى.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ماقۇللانغان بىر قارار لايىھەسىدىمۇ «ئىسرائىلىيەلىك ئىشغالىيەتچى ئەمەلدارلار ۋە تۇرالغۇ جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلغان كۆچمەن يەھۇدىلارنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى كونا شەھەر رايونىدا مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان رايوندىكى قانۇنسىز ئارخىئولوگىيەلىك خىزمەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»دېيىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر