ئىراق ئارمىيەسى: دائېش ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىلدى

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان تەنەك رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.

720178
ئىراق ئارمىيەسى: دائېش ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش كۈچلىرى، مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى تەنەك رايونىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يارۇللاھ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا دائېشنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «ھەشدۇششەئبى» ئىسىملىك شىئە قوراللىقلىرىمۇ، مۇسۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھادەر ناھىيەسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، دائېشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ %70 ىنىڭ دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىنى يانۋار ئېيىدا قولغا كىرگۈزگەن ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، 19 – فېۋرالدىن بۇيان مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسىمدا دائېشقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر