تالىباننىڭ قانلىق ھۇجۇمى ئافغانىستان سىياسىي سەھنىسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

719249
تالىباننىڭ قانلىق ھۇجۇمى ئافغانىستان سىياسىي سەھنىسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ مەزارى شەرىفكە يېقىن جايدىكى بىر ھەربىي بازىغا قاراتقان ھەپتە ئاخىرىدىكى ھۇجۇمى ئافغانىستاندا سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

140 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، بۈگۈن ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى خەۋىرى كەلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھەبىبى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى قەدەم شاھ شاھىمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچۇردا، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر