Facebook قاتىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

ئامېرىكىدا سادىر قىلغان جىنايىتىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە نەق مەيداندىن تارقاتقان قاتىل پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ ئېرى رايونىدا ماشىنىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

716013
Facebook قاتىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنسىلۋانىيە ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياشانغان بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە جىنايەت كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە نەق مەيداندىن تارقاتقان 37 ياشلىق قاتىل ستىۋېىن ستىۋېنزنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنى، بىر  رېستوران خىزمەتچىسىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى نەتىجىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ستىۋېنز رېستوراندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ھەمدە ئۇ ئاپتوموبىلى بىلەن تەخمىنەن 3 كىلومېتىر قاچقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭ ماشىنىسىنى توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، تاپانچىسى بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان.

ئۇ جىنايەتنى  پاسخا بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەكشەنبە كۈنى كلىۋلەندە سادىر قىلغانىدى.

قىز دوستى بىلەن تاكاللاشقان ستىۋېنز، Facebook سەھىپىسىدە نەق مەيداندىن تارقاتقان تېلېفون سۆزلىشىشىدە 13 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، كېيىنچە 74 ياشلىق روبېرت گودۋىن ئىسىملىك قارا تەنلىك بىر كىشىنى يول چېتىدە ئالدىنى توسۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئۇنى قانداق ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنىمۇ نەق مەيداندىن تارقاتقانىدى.

ساقچىلار جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن تېلېفونىنى تاقىۋېتىپ، غايىب بولغان قاتىلنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

كلىۋلەند شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى قاتىل ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەرگە 50 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر