دائېش ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەزىدىلەرنىڭ ئاممىۋى مازىرى تېپىلدى
ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەزىدىلەرنىڭ ئاممىۋى مازىرى تېپىلدى.
715509
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد ۋەتەنسۆيەرلەر بىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «سىنجار دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچلىرى 30 غا يېقىن ئەزىدى كۆمۈۋېتىلگەن ئاممىۋى مازارنى تاپتى.»
ئىراق كورد ۋەتەنسۆيەرلەر بىرلىكىنىڭ قارىشىچە، 2014 – يىلى ئاۋغۇستتا سىنجارنى ئىشغال قىلغان دائېش ئەزىدىلىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. جۈملىدىن رايوندا تەخمىنەن 7 مىڭ ئەزىدىنى ئۆلتۈرگەن، ئاياللار ۋە بالىلارنى قاچۇرۇپ، قۇللۇققا مەھكۇم قىلغان، 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەزىدىنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.
سىنجار دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015 – ۋە 2016 – يىللىرى دائېش ئۆلتۈرگەن 1646 ئەزىدىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.