شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدا ئىنتايىن زەھەرلىك سارىن گازى بارمۇ؟

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدا ئىنتايىن زەھەرلىك سارى گازى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

712043
شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدا ئىنتايىن زەھەرلىك سارىن گازى بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنزو ئابې ياپونىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ قايتىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ ئىنتايىن زەھەرلىك سارىن گازى بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلىشى مۇمكىن.»

ئابېنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ياپونىيەمنى زىلزىلىگە سالدى، چۈنكى ياپونىيە ئىلگىرى سارىن گازلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولغانىدى.

1995 – يىلى ياپون قىيامەت كۈنى تەرىقىتىگە مەنسۇپ كىشىلەر توكيو مېترو بېكىتىگە سارىن گازلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 12 كىشى قازا قىلغان، مىڭلارچە كىشى زەھەرلەنگەنىدى.

بۇلتۇر 9 – سېنتەبىردىن بۇيان ئۇدا 5 قېتىم يادرو سىنىى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورېيە، 5 – ئاپرېل كۈنى يەنە بىر قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىغا قاراپ ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش پاراخوتلىرىمۇ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا كۈچلىرىگە قېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر