ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش زورايماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان بىر پەيتتە، پۇتىننىڭ ئامېرىكىنىڭ دەمەشقنىڭ جەنۇبىنى نىشان قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

710497
ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش زورايماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىئو ماتتارېللا بىلەن كۆرۈشۈشىدىن كېيىن  ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىبتە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالارنى «ئىغۋاگەرلىك» دەپ ئاتاپ، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە سۈرىيەنىڭ دەمەشقنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن ئىغۋاگەرلىك قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر خىل مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن قېتىمقىدەك دەمەشقنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلاردا ئىغۋاگەرلىك قىلىشقا تەييارلانماقتا، بۇنى باشقا شەكىلدە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار بەزى ماددىلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قويۇپ، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە دۆڭگەپ قويۇشنى پىلانلىماقتا.»

رۇسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئاساسلىق ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال سېرگېي رۇسكوۋ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاكھاروۋا ئامېرىكا – رۇسىيە سۈركىلىشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدا رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك يىغىن چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر