ئامېرىكىنىڭ كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكىسى يۆنىلىشىنى كورېيە يېرىم ئارىلىغا توغرىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانلىقى، كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكىسى خادىملىرىغا ئاۋسترالىيەدىكى ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كورېيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

708835
ئامېرىكىنىڭ كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكىسى يۆنىلىشىنى كورېيە يېرىم ئارىلىغا توغرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرى باياناتچىسى دېيۋ بېنھام يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تىنچ ئوكيان قوماندانلىقى، كارل ۋىنسوننىڭ ھوشيارلىق ۋە مەۋجۇدىيىتىنى كۆرسىتىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە غەربىي تىنچ ئوكيانغا يۆنىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى» دېدى.

كارل ۋىنسوننىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بېنھام باياناتىدا، «رايوندىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت، دىققەتسىز، مەسئۇلىيەتسىز شۇنداقلا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە يادرو قورالغا ئىگە بولۇش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىمالىي كورېيەدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيە ئاخىرقى قېتىم 5 – ئاپرېلدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك سكۇد بومبىسىنى سىناق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر بومبا 40 مىل ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن ياپون دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پىيوڭياڭ ، 6 – مارتتا 4 دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بومبىلار دېڭىزغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى 620 مىل يىراقلىققا يېتىپ بارغانىدى.

ئامېرىكا، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىگە يېتىپ بارغان بومبا سىنىقى، دەپ باھا بەرگەن بۇ سىناقتىن كېيىن، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتقان تېرمال يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر