تۈركمەنلەر: زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ياخشى باشلانغۇچ

سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىن بوزئوغلان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئائىت ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سۈرىيەدىكى زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ياخشى باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

708052
تۈركمەنلەر: زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ياخشى باشلانغۇچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزئوغلان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەدىكى زۇلۇم – سىتەملەرگە خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى خان شەيخۇن رايونىدا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ئېلىپ بېېرىشىدىن كېيىن، نارىسىدە بالىلار ۋە مەسۇم پۇقرالارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايەن قىلدى، سۈرىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم – سىتەم، مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىنسانىي جىنايەتلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمىز. ترامپنىڭ بۇ ئىرادىسى بىزنى خۇرسەن قىلدى.»

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلغان تەقدىردە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچلىق ئورناتقىلى بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوزئوغلان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سۈرىيەدىكى زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ياخشى باشلانغۇچ، بۇ ھەقتە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارايمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رۇسىيەگە نىسبەتەنمۇ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. بۇنىڭ سۈرىيەدە دەسلەپكى قەدەمدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشتىن ۋاز كېچىشى ۋە مەسۇم ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز.»

ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى سۈكۈت قىلماسلىقى لازىملىقىنى، ھەممىنىڭ ۋىجدان بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىشقا ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر