بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا يەنە ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىبنىڭ ھىش رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

708131
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا يەنە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى پۇقرالارنى قوغداش مەسئۇللىرىدىن مۇھەممەد زىكرا بەششار ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ رايونغا يەنە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدىمۇ 10دىن ئارتۇق ئادەمىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يارىلانغانلار ئارىسىدا خان شەيخۇنغا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمدىن كېيىن ھىشەگە قېچىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ قۇتقۇزۇش ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرىدىن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سەيشەنبە (4-ئاپرېل) كۈنى خان شەيخۇنغا خىمىيەلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 100 ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. رايوندا ياشاۋاتقان ئونىمىڭلارچە ئادەم ھۇجۇمدىن كېيىن، زەھەرلىك گازدىن زەھەرلەنمەسلىك ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر