شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) شىمالىي كورېيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يېڭى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

706077
شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزىي شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيە سىنپو شەھىرى ئەتراپىدىكى مەركەزدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 60 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىن كېيىن، ياپون دېڭىزىغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ <KN-15> تىپلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.»

باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە تەھدىت سالالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا بولغان نارازىلىقى كېچىكمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون: «شىمالىي كورېيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت توشتى. يېتەرلىك دەرىجىدە سۆھبەتلەشتۇق، بۇ توغرىدا باشقا گەپ قىلمايمىز، ھەممە تاللاش يوللىرى ئۈستەل ئۈستىدە» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «خىتاي بولسۇن ياكى بولمىسۇن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىنگە توغرا كەلگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۈمە (7-ئاپرېل) كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشۈشتە، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ قارارلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى يادرو سىناق قىلىشى چەكلەنگەن. بىراق، شىمالىي كورېيە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي قىلىۋاتقان يادرو سىناقلىرىنىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر