رۇسىيەدە ئۆكتىچى نامايىشچىلار داۋاملىق قولغا ئېلىنماقتا

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان گۇرۇپپىغا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار 40 كىشىنى قولغا ئالدى.

704840
رۇسىيەدە ئۆكتىچى نامايىشچىلار داۋاملىق قولغا ئېلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا موسكۋانىڭ مەركىزىدىكى ترىئۇمفالنايا مەيدانىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ساقچىلارنىڭ تارقاپ كېتىش ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغان 30 كىشى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

دەل شۇ ۋاقىتتا مانېج مەيدانىغا يىغىلىپ، ناماش ئۆتكۈزمەكچى بولغان يەنە بىر گۇرۇپپىغىمۇ رۇخسەت بېرىلمىدى ھەمدە 10 كىشى قولغا ئېلىندى.

26 – مارت كۈنى باش مىنىستىر دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ چىرىكلىك قىلغانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەن بىر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، موسكۋا ۋە ساينت پېتېرسبۇرگ قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر