ئىراقتا دائېش قويۇۋەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 6 ئاي كەتتى

ئىراقتا دائېش ئوت قويۇۋەتكەن نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى ئوتلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 6 ئاي كەتتى.

704035
ئىراقتا دائېش قويۇۋەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 6 ئاي كەتتى

دائېش ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قاييارانى قايتۇرۇپ ئېلىۋېشىدىن كېيىن ئىراق ئارمىيەسىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە، شەھەر ئەراپىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنىدى، 6 ئايدىن بۇيان 19 نېفىت قۇدۇقىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى دۋاملاشماقتا.

قاييارا ئاسمىنىدا يېقىنقى بىر نەچچە كۈن تۇمان يوقلىقى، بىر نەچچە نېفىت قۇدۇقىدا ئوت ئۆچۈرۈلگەنلىكى، بىراق مەھەللە ئىچىدىكى قۇدۇقلاردىن ئەتراپقا تارقىلىپ كەتكەن نېفىتلارنىڭ خەتەر شەكىللەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شەھەردىكى نېفىت بازىلىرىدا 50 قۇدۇق بار بولۇپ، دائېش بۇ قۇدۇقلاردىن 19غا ئوت قويۇۋەتكەن بولسا، 15گە باشقىچە ئۇسۇل بىلەن زىيان سالغانىدى.

قارا ئىس-تۈتەكتىن قۇتۇلغان شەھەر خەلقى شەھەرنىڭ بۇرانراق تازىلىنىپ نورمال تۇرمۇشقا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

6 ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان ئوت ئاپىتى سالامەتلىككە ئېغىر زىيان كەلتۈرگەندىن سىرت، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر