ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن پاجىئەسى يۈز بەردى

ئىتالىيەگە قاراپ يولغا چىققان بىر كېمە ئاق دېڭىزدا چۆكۈپ كېتىپ 145 مۇساپىر يوقاپ كەتتى.

702092
ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەدىن ئىتالىيەگە مېڭىش مەقسىتىدە يولغا چىققان بىر كېمىنىڭ ئاق دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، كۆپ قىسمى نىگېرىيە، مالى ۋە گامبىيەلىك  بولغان 146 كۆچمەن ئىچىدە 145نىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيەگە مېڭىش ئۈچۈن مۇشۇ يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كۈنى لىۋىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان سابراتخا شەھىرىدىن يولغا چىققان كېمە ئاق دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بىرلا كىشى ساق قالغان لېكىن قالغان 145 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار كېمىدە بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ بارلىقىنىمۇ  ئۇقتۇردى.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى قۇتۇلۇپ قالغان مۇساپىرنىڭ گامبىيەلىك ئىكەنلىكىنى، ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە بىر كېمە بىلەن ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەگە ئەڭ يېقىن رايونى بولغان لامپېدۇسا ئارىلىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوقاپ كەتكەن مۇساپىرلارنى ئىزدەۋاتقان بولسا، رايونغا كېمىلەردىن باشقا تىك ئۇچارلارمۇ ئەۋەتىلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى لىۋىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كېمە بىلەن ياۋروپاغا كەتمەكچى بولىۋاتقان 400دەك كۆچمەننى قۇتقۇزۇپ قالدى.

ئىگلىنىشىچە، لىۋىيە دېڭىزىدا مۇشۇ يىلدىلا مەيدانغا كەلگەن كۆچمەن پاجىئەلىرىدە 590 دەك كىشى قازا قىلغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر