خىتاي ئىستىخباراتى بىلەن مەخپىي مۇناسىۋەت ئورناتقان ئامېرىكىلىق قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى خىتاي ئىستىخباراتىغا مەخپىي مەلۇمات يوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

702694
خىتاي ئىستىخباراتى بىلەن مەخپىي مۇناسىۋەت ئورناتقان ئامېرىكىلىق قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت سىرلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى كانداك مارېي كلايىربورننىڭ خىتاي ئىستىخباراتى بىلەن مەخپىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

60 ياشلىق كلايىربورن فېدېراتسىيە تەشكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI»غا يالغان بايانات بېرىش ۋە داۋاملىشىۋاتقان بىر دېلونىڭ دەلىل–پاكىتلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەنمۇ سوتقا تارتىلىدىغان بولدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «كلايىربورن خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان قويۇق ئۇچرىشىشلىرىنى مەخپىي تۇتتى ۋە خىتاي تەرەپتىن 5 يىل ئىچىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە سوۋغا قىلىنغان ئون مىڭلارچە دوللارلىق ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلدى» دېيىلدى.

كلايىربورن قولغا ئېلىنىپ، چارشەنبە كۈنى سوتقا چىقىرىلدى. سوتتا 2 نەپەر خىتاي ئىستىخبارات خادىمى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقى ۋە خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ قىممەت باھالىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

كلايىربورن «2011–يىلىدا 2500 دوللار پۇل ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا بەرگەن» دەپمۇ ئەيىبلەنمەكتە. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرسى بولغان كلايىربورن ئامېرىكا قانۇنىغا بىنائەن چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يۇقىرىغا ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىشى كېرەك. بىراق، ئۇ 5 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىستىخباراتى خادىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يۇقىرىغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەشكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» نىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە كۆرە، كلايىربورن يەنە بىر ھەمكارلاشقۇچىسىدىن ئۆزىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان بارلىق دەلىل–پاكىتلارنى يوقىتىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان.

كلايىربورن چارشەنبە (29-مارت) كۈنى سوت مەھكىمىسىدە پۈتۈن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ئەگەر سوتتا ئۇنىڭ جىنايىتى ئىسپاتلانغان تەقدىردە 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى چىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاز قالغاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەققىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر