باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىي كىرىش ئېغىزىدىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

702011
باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىي كىرىش ئېغىزىدىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 26 ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇمچى ئاپتوموبىل بومبىنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ پارتلاتتى. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرسىز بولۇۋاتقان باغدادتا بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملار كۆپلەپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر