ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى رەسمىي باشلىدى

ئەنگلىيەنىڭ 44 يىل ئەزا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى رەسمىي باشلىدى.

701720
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى رەسمىي باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە لىزبون ئەھدىنامىسىنىڭ 50-ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 44 يىل ئەزا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دائىملىق ۋەكىلى تىم بارروۋ باش مىنىستىر تېرېسا ماي ئىمزالىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى مەزمۇن قىلغان لىزبون ئەھدىنامىسىنىڭ 50-ماددىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تاسكقا سائەت 13:20دا تاپشۇرۇپ بەردى.

تاسك ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى  ئادرېسىدا بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «9 ئايدىن كېيىن ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىدى.» شۇنداق قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى رەسمىي باشلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە دائىرىلىرى كېيىنكى باسقۇچتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى يىل داۋملىشىشى مۆلچەرلەنگەن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلىشىم ھاسىل ماددىلارنىڭ ھەم ئەنگلىيە پارلامېنتى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلۇشىدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى تاسك، جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك پىلان-لايىھەنى ئېلان قىلىدۇ. مەزكۇر پىلان-لايىھە 29-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگلىيە قاتناشمايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا مۇزاكىرىلەر باشلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەدىن تەخمىنەن 60 مىليارد ياۋرو تەلەپ قىلىدىغانلىقى، بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرىلەردە ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇنداقلا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمۇ قىيىن مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

2016-يىلى 23-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمداخەلقنىڭ %52سى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن  ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى پات-پات ئەنگلىيە ھاكىمىيىتىدىن 50-ماددىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 1973-يىلى ئەزا بولۇپ كىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر