ئامېرىكا رۇسىيەنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى جەريانىدا 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

699932
ئامېرىكا رۇسىيەنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت باياناتچىسى مارك تونېر، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە مىقياسىدا تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگەن يۈزلەرچە نامايىشچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى تونېر، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشچىلارنى بالدۇرراق قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

رۇسىيەنىڭ موسكۋا ۋە ست.پېتېرسبۇرگ قاتارلىق كۆپلىگەن شەھىرىدە «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پائالىيەتچى ئالېكسېي ناۋالنىي بىلەن باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

نامايىشچىلار، باش مىنىستىر دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ چىرىكلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن تەشكىللەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر