خىتايدا ئېلېكتر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتاشتا 9 كىشى ئۆلدى، 2 كىشى يارىلاندى.
699071
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا سەھىيە ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.