ئۇكرائىنادىكى بىر قورال ئىسكىلاتىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ رايونى بالاكلېيا شەھىرىدىكى بىر قورال ئىسكىلاتىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

697716
ئۇكرائىنادىكى بىر قورال ئىسكىلاتىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى، پارتلاشنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ۋەقەدە ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي تەپتىش ئانتولىي ماتىئوسمۇ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانچە يەردە بىراقلا باشلىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ بىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسىدەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

138 مىڭ توننا ئوق – دورىنى زىيانغا ئۇچراتقان پارتلاش يۈزىسىدىن رايوندىن 15 مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پارتلاش تۈپەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ئۆي – ماكانلىرىنى ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى، ئەتراپتىكى 7 كىلومېتىرلىق جايدا خەۋپسىزلىك چەمبىرىكى ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر