ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

696700
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە، ئىسرائىلىيە زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا يۇسۇف شەئبان ئەبۇ ئەزرا ئىسىملىك 18 ياشلىق بىر ياشنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر