خىتاي بۇ يىلقى «يادرو قوراللىرىنى چەكلەش»يىغىنىغا قاتناشمايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى «يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

695178
خىتاي بۇ يىلقى «يادرو قوراللىرىنى چەكلەش»يىغىنىغا قاتناشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلقى «يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»تېمىلىق يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان تەرەپلەر بىلەن «سەممىي»ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن  ئۇزۇن داۋاملاشقان كېڭەشلەر نەتىجىسىدە بۇ يىلقى يىغىنغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يادرو قوراللىرىنى چەكلەپ پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن باياناتچى خۇا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشماسلىق قارارىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ روھىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يادرو قورالسىزلىنىش نىشانىغا بىر كۈندىلا يېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان باياناتچى خۇا، بۇ نىشاننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان تەرىقىدە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى خۇا يەنە مۇنداق دېدى: «يىغىنغا قاتناشمىساقمۇ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە پۈتۈنلەي يوق قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز روشەن ۋە قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر