ئەزەربەيجاندا ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك، تىنچلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىدىغان ئاسىيانىڭ مەركىزى ئىستانبۇل مۇساپىسى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلدى.

693938
ئەزەربەيجاندا ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، 2011 – يىل تۈركىيە ۋە ئافغانىستاننىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئاسيانىڭ مەركىزى ئىستانبۇل مۇساپىسى ئارقىلىق ئافغانىستاننى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا رايونلۇق ھەمكارلىق يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.

ئىستانبۇل مۇساپسىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بۇ يىل ئەزەربەيجان ئۆتىمەكتە.

ئافغانىستاننى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغان ئىستانبۇل مۇساپىسى تۈركىيە رەھبەرلىكىدە ئافغانىستان بىلەن بىرلىكتە 2011 – يىلى 2 – نويابىر كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

14 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ئىستانبۇل مۇساپىسىنى 17 دۆلەت ۋە 12 خەلقئارالىق تەشكىلات قوللىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر