ماراكەش پادىشاھى ھۆكۈمەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ماراكەش پادىشاھ ئالتىنچى مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى باش مىنىستىر ئابدۇلئىلاھ بەنقىراندىن قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

692802
ماراكەش پادىشاھى ھۆكۈمەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پادىشاھ ئالتىنچى مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى باش مىنىستىر ئابدۇلئىلاھ بەنقىراندىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، يەنە شۇ پارتىيەدىن باشقا بىر پارلامېنت ئەزاسىغا بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خان سارىيى مەتبۇئات ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، مەۋجۇت سىياسىي چىگىشلىكنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشقا بىر ئەزاسىغا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بەنقىران، ئارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بەش ئاي ئىچىدە ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىل قىلالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر