لىۋىيەدە تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى توختاتقاندىن كېيىن مەركەزگە ئوت قويۇپ بەردى.

692004
لىۋىيەدە تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستا تارقىتىش بېرىدىغان دۆلەت ئازاتلىق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئەنەبە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر ئەنەبە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەركىزىگە بېسىپ كىرگەن.

ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى توختاتقاندىن كېيىن مەركەزگە ئوت قويۇپ بەرگەن.

لىۋىيەنىڭ رەسمىي ئورگانلىرى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

لىۋىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونغا جايلاشقان ۋە سۇنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان ئەنەبە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىناسىغا ئىلگىرى 30 مارتتىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. 

خەلىفە ئەل غۇۋەيلنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت ئازادلىق ھۆكۈمىتى قانالنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا تىرابلۇستا پائالىيەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

لىۋىيە سىياسىتىدە ئېغىر سالماققا ئىگە ھېسابلىنىدىغان دۆلەت ئازادلىق ھۆكۈمىتى رەئىسلىك كېڭىشى، توبرۇكقا قاراشلىق پارلامېنت ۋە تىرابلۇسنى مەركەز قىلغان دۆلەتلىك قۇرۇلتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانۇنلۇق سالاھىيەت كىرىزىسى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر